ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ۋىزا قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى توڭلىتىلىدىغان بولدى

24 – فېۋرالدىن بۇيانقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان ئېمبارگولار، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادتىن ساياھەتكىچە بولغان بارلىق ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

1874336
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ۋىزا قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى توڭلىتىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر پۈتۈنلەي يىرىكلەشكەن بىر مەزگىلدە، ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە ساياھەت مەسىلىسىمۇ قوشۇلدى.

2007-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ۋىزا قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقى يېقىندا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

ئاخىرى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە قارار ماقۇللاندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، رۇسىيە بىلەن بولغان ۋىزا قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇشقا كېلىشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر