ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 44 كىشى يوقاپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە، 44 كىشى يوقاپ كەتتى.
1855236
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشتاتتا 2 كۈن بويىچە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر كەلكۈنگە سەۋەب بولدى.
ئىشتاتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇچانان ناھىيىسىدە 44 كىشى يوقاپ كەتتى.
باياناتتا كەلكۈندە كەم دېگەندە 100 ئۆينىڭ بۇزۇلغانلىقى، ئۇل - ئەسلىھە ۋە يوللارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋىرگىنىيە ئىشتاتى ۋالىيسى گلېن يوڭكىن كەلكۈن سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.