رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ چەت ئەل پاراخوتلىرى بىلەن يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارمىز

رۇسىيە، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى چەت ئەل پاراخوتلىرىغا يۈكلەپ چېگرا سىرتىغا چىقىرىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1846940
رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ چەت ئەل پاراخوتلىرى بىلەن يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنادىكى پورتلار ئارقىلىق ئاشلىقنى چەت ئەلگە چىقىرىش توغرىسىدا توختىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قارا دېڭىز ۋە ئازوۋ دېڭىزىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ زۆرۈر قەدەملىرىنى تاشلىغانلىقىنى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن مارىئۇپول ۋە بېرديانسكى پورتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى چەت ئەل پاراخوتلىرىغا يۈكلەپ (چەت ئەلگە) چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز. بۇ ئىش پاراخوتلارنىڭ قورال ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ كونترول قىلىنىشى، كىيېۋنىڭ قارا دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلەردىن، مىنا تەھدىتى ۋە سۈركىلىش پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى شەرتى ئاستىدا ئىشقا ئاشىدۇ. ئاشلىق، ئوغۇت، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېدى.

زاخاروۋا،  موسكۋانىڭ، ئېمبارگولارغا قارىماي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خەلقئارا بازارلارنىڭ تەخمىنەن 25 مىليون توننا ئاشلىق ۋە 22 مىليون توننا ئوغۇت بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتىنىڭ يېمەكلىك ۋە ئاشلىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلارنى غەرب دۆلەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان مارىيا زاخاروۋا، بۇنىڭ «يالغان» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر