ماگدالېنا: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون، دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل بولغۇچە تۈركىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1843400
ماگدالېنا: تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگدالېنا ئاندېرسون، فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن ۋە نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جوناس گاھر ستور شىۋېتسىيەنىڭ سودېرتالجې شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئاندېرسون يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ناتو سۆھبەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ناتوغا ئەزا بولۇش يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاندېرسون: «بىز فىنلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، مەسىلە ھەل بولغۇچە تۈركىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

مارىنمۇ ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى بىرەر ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىغان تەقدىردە، بۇ مۇساپىنىڭ توڭلاش باسقۇچىغا كىرىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن مارىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھازىر بىر ھەرىكەتلىنىش بار، بۇ جەرياندا ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. بىز مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر