خىتايدىكى كەلكۈندە 6 كىشى قازا قىلدى
خىتايدا شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 6 كىشى قازا قىلدى.
1843701
![خىتايدىكى كەلكۈندە 6 كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9c43/33f1/ec7e/62a99ff14de3b.jpg?time=1718873645)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىدە بىر ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 3 كىشى قازا قىلغان.
جۇاڭ ئاپتونوم رايونىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 2 كىشى قازا قىلغان.
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىمۇ تاغ يولىدا كەلكۈنگە دۇچ كەلگەن بىر ئاپتوموبىلدا 1 كىشى قازا قىلىپ، 3 كىشى يوقاپ كەتكەن.
ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان كەلكۈن سەۋەبىدىن 200 مىڭ كىشى يۇرت ماكانلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان.
خىتايدا ياز ئايلىرىدا، بولۇپمۇ سۇبىتىروپىك بەلباغ كىلىمات رايونىغا جايلاشقان ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا پەسىل خاراكتېرلىك ھۆل-يېغىن سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيانلار كۆپ كۆرۈلىدۇ.