بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا پارتىزان خاتىرە قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ جەنۇبىدىكى موستار شەھىرىگە جايلاشقان پارتىزان خاتىرە قەبرىستانلىقىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىندى.

1843689
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا پارتىزان خاتىرە قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ دۆلەت يادىكارلىقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان قەبرىستانلىققا قىلىنغان ھۇجۇمدا، رايوندىكى بارلىق قەبرە تاشلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

موستاردىكى نور فاشىستلىققا قارشى ئەسكەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېئاد دىجۇلىك ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقە ھەققىدە جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قەبرىستانلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئېلان قىلىمىز. ھازىرغا قەدەر قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمغا دۇچ كەلدۇق» دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، پارتىزان خاتىرە قەبرىستانلىقىدا 700 قەبرە تېشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

موستار شەھەر باشلىقى مارىيو كوردىچ قەبرىستانلىقنىڭ يېڭىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

موستاردا 1965-يىلى سېلىنغان قەبرىستانلىقتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا (1939-1945) يۇگوسلاۋىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان پارتىزانلارنىڭ قەبرىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر