ۋون دېر لېيېن تېل ئاۋىۋدا يائىر لاپىد بىلەن كۆرۈشتى

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1842731
ۋون دېر لېيېن تېل ئاۋىۋدا يائىر لاپىد بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ۋون دېر لېيېننى كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن يائىر لاپىد: «ئۆتكەن يىلى بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك پايدا ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋون دېر لېيېنمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق، بىز ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە سىياسىي سۆھبەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقرىىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر