رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇكرائىنا شەھەرلىرىدە رۇسىيە گىراژدانلىقى تارقىتىشقا باشلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىمزالىغان قارارنامىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنانىڭ مېلىتوپول، خېرسون ۋە زاپورىجيا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇكرائىنالىقلارغا رۇسىيە پۇقرالىقى بېرىلىشكە باشلاندى.

1841783
رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇكرائىنا شەھەرلىرىدە رۇسىيە گىراژدانلىقى تارقىتىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن 25-مايدا ئۇكرائىنانىڭ خېرسون ۋە زاپوروجيې رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ رۇسىيە پۇخرالىقىغا ئۆتىشىگە قولايلىق يارىتىش قارارنامىسىنى تەستىقلىغان ئىدى.

بۇ قارارنامىغا ئاساسەن ئىشغال قىلىنغان شەھەرلەردە ياشايدىغانلارغا رۇسىيەنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلدى. ئالدىنقى كۈنى تەبرىكلەنگەن رۇسىيە بايرىمى پائالىيەتلىرىدە ئۇكرائىنانىڭ ئىشغال قىلىنغان شەھەرلىرىدە رۇسىيە پاسپورتى تارقىتىلىشقا باشلاندى.

تۈنۈگۈن زاپوروجيې رايونىغا قاراشلىق مېلىتوپول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا پاسپورتلار ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

رۇسىيە تەرىپىدىن زاپوروجىيە رايونىنىڭ ھەربىي باشقۇرۇش رەھبىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋىلادىمىر روگوۋ: «6-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ رايوندا 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس سۇندى» دېدى.

رۇسىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن خېرسون رايونىنىڭ ھەربىي باشقۇرۇش رەھبىرى ۋىلادىمىر سالدو بولسا،  ئاۋامنىڭ رۇسىيە دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتۈشكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە كۈچلۈك تەلىپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىلادىمىر سالدو: «خېرسوننىڭ بارلىق ئاھالىلىرى بالدۇرراق رۇسىيە گىراژدانلىقىغا ئېرىشىشنى خالايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر