ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ مارىلاند ئىشتاتىدىكى بىر ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇقم قىلىش ۋەقەسىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.
1840882
![ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f32b/65b7/17d4/62a2e915c2558.jpg?time=1719064168)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارىلاند ۋالىيسى لارىي خوگان بايانات بېرىپ، سىمىسبۇرگ رايونىدىكى كولۇمبىيە ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىگە كىرگەن بىر ھۇجۇمچىنىڭ ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتقا قارىغاندا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان جىنايەت گۇماندارى يارىلانغان ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن، ۋەقەنى باستۇرۇش جەريانىدا بىر ساقچى يارىلانغان.