رۇسىيە مارىيۇپولنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1815695
رۇسىيە مارىيۇپولنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ پىرېزىدېنت پۇتىنىغا مارىيۇپولنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سېرگېي شويگۇ مارىيۇپولنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پۇتىنغا دوكلات سۇنۇپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شەھەرنى كونترول قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 1 مىڭ 478 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى، مارىيۇپولدىكى ئازوۋستال فابرىكاسىدا ھازىرغىچە 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پۇتىنغا مارىيۇپولدىن 142 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئازوۋستال فابرىكاسىنىڭ بىخەتەر ھالدا قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە شەھەر ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن بولسا، مارىيۇپولدىكى مۇۋەپپەقىيەت سەۋەبىدىن سېرگېي شويگۇنى تەبرىكلىدى.

پۇتىن: «مارىيۇپولنى قولغا كىرگۈزۈش مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئازوۋستالدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ مارىيۇپولدىكى ئازوۋستال فابرىكاسىغا بېسىپ كىرىلمەسلىكنى، ئۇ يەردە قورال تاشلىغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پۇتىننىڭ فابرىكاغا بېسىپ كىرمەسلىك، قورشاۋغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر