ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ پاراخوتىنى ئۇكرائىنا دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ پاراخوتىنى قارادېڭىزدا ئۇكرائىنانىڭ دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1813173
ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ پاراخوتىنى ئۇكرائىنا دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتىنىڭ،  ئۇكرائىنا قويۇپ بەرگەن ئىككى دانە «نېپتۇن» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكلىرىنى، بۇ پاراخوتنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئودېسسانىڭ جەنۇبىدىن 60-65 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى قارادېڭىز فىلوتىنىڭ بايراقدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئىككى <نېپتۇن> باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتىنى دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق.»

ئالدىنقى كۈنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، «موسكۋا» ناملىق ساياھەت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزنىڭ شىمالىدىكى پاراخوتلىرىنى تېخىمۇ جەنۇب تەرەپكە يۆتكىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر