خىتاي بىلەن ھىندىستان ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدى

خىتاي بىلەن ھىندىستان تالاش-تارتىشلىق چېگرا لىنىيەسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەقسىتىدە 22 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن، چېگرانىڭ غەربىي قىسمىدا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1794450
خىتاي بىلەن ھىندىستان ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدى
çin-hindistan sınır sorunu

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا قىسىم قوماندانلىرى سەۋىيەسىدىكى 15- قېتىملىق سۆھبەت تۈنۈگۈن مولدو-چۇشۇل چېگرا نۇقتىسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىقسىز چېگرا سىزىقىنى بەلگىلەيدىغان ئەمەلىي كونتىروللۇق نۇقتىسىنىڭ غەربىنى تەشكىل قىلغان لاداخنىڭ شەرقىدىكى رايوندا، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە كېلىشەلمەسلىكنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن دىيالوگنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق  كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 12-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەقسىتىنىڭ چېگرانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ئىككى تەرەپ دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن، رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، قالغان مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. بۇ خىل ھەل قىلىش چارىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ياردەمچى بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى» دېيىلدى.

ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونىدىكى گالۋان ۋادىسىدا 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىندىستان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكىرى قازا قىلغان بولۇپ، خىتايمۇ مەزكۇر توقۇنۇشتا 4 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

توقۇنۇشتىن كېيىن، چېگرادا ھەر ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن بولۇپ، ھىندىستان رايونغا قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان، خىتاي بولسا، تانكا ۋە زەمبىرەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

بۇ جىددىيلىك دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي قوشۇنغا ئىگە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا «ئۇرۇش چىقىدۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا چېگرادىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر باشلانغان ئىدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھىمالايا تاغلىرىنى بويلىغان ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق تالاش - تارتىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر