رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر - بىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ئۇرۇش تالاپەتلىرى ۋە پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

1794304
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر - بىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى مارىئۇپۇل شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ ھۇجۇم باشلىغان 12 كۈندىن بۇيانقى ۋەزىيەتكە دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى ۋە نۆۋەتتە مارىئۇپولدا كائىناتتىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي تراگېدىيەسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، 12 كۈندە 1582 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كوللېكتىپ مازارلارغا دەپنە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيەنىڭ شەھەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كۇلېبا، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايروپىلانلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، ئۇكرائىنانىڭ جەمئىي 2246 ھەربىي ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئاتالمىش بۆلگۈنچى دونباس ھۆكۈمىتى كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىلگىرىلىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا: «ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ 3346 ھەربىي ئۇل ئەسلىھەسى بىتچىت قىلىندى. 121 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 1067 دانە تانكا ۋە ھەرخىل بىرونېۋىكى، 114 دانە كۆپ سىتۋوللۇق روكېتئاتارى، 412 زەمبىرىكى، 862 دانە مەخسۇس ھەربىي ئاپتوموبىلى يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونلاردىكى 2 مىليون 600 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقى، بۇلاردىن 50 مىڭى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 223 مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئىزيۇم ۋە لوزوۋا شەھەرلىرىدىكى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر