پۇتىن بىلەن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى نافتالى بېننېت كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1792102
پۇتىن بىلەن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى نافتالى بېننېت كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى پۇتىن بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پۇتىن بىلەن بېننېتنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا دونباسنى قوغداش ئۈچۈن باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتى» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «پۇتىن 7-مارت بېلارۇسىيە ھەيئىتى بىلەن ئۇكرائىنا ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق مۇزاكىرەلەر توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر