رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقى برېستتە ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق سۆھبىتى بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى برېستتا ئۆتكۈزۈلدى.

1791520
رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقى برېستتە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ۋەكىللىرىگە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىلادىمىر مېدىنسكىي، ئۇكرائىنا ۋەكىللىرىگە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىخايىل پودولياك رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى، ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە جىددىي سۆھبەتلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى تەسىس قىلىش توغرىسىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ۋەكىللىرى بولسا، سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورىنىڭ 8-مارتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بەزى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا؛ ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ، ھەر قانداق بىر ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ كىرىش نىشانىنى رەت قىلىشىنى، قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغان قىرىمنىڭ رۇسىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاتالمىش ​​ھاكىمىيىەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان رۇسىيە، ئەگەر بۇ شەرتلەر قوبۇل قىلىنسا، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىيېۋ ھۆكۈمىتى بولسا، رۇسلارنىڭ ئۇلتىماتومغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇكرائىنا زېمىنىدىكى توقۇنۇشنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قىرىم ۋە دونباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا زېمىنىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر