رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشى باشلاندى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشى بېلارۇسىيەنىڭ برېست شەھىرىدە باشلاندى.

1789419
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا پايتەخت كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇكرائىنانىڭ نۇزاكىرە ھەيئىتىدىكى داۋىد ئاراخامىيا فەيسبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ، باشقا مەسىلىلەردىن بەكرەك، ئىنسانىي كارىدورلار تەسىس قىلىشنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرىنىڭ 1-قېتىملىق كۆرۈشۈشى 28-فېۋرال ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى گومېل رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نەتىجە چىقمىغان ئىدى. ئەمما، ھەيئەتلەر مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرۇشتا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر