گېرمانىيە ئۇكرائىناغا قورال بېرىشنى رەت قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ تەلەپ قىلغان قوراللارنىڭ تىزىملىكىنى گېرمانىيەگە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1774075
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا قورال بېرىشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە «Suddeutsche Zeitung» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنانىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە يەنە بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا بېرىلگەن مەكتۇپ، ئۇكرائىنانىڭ گېرمانىيەدىن تەلەپ قىلغان قوراللارنىڭ تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، مەكتۇپتا تەلەپ قىلىنغان قوراللارنىڭ مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە بۇ تەلەپنىڭ جىددىي ۋەزىيەت ۋە رۇسىيەنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن تېزرەك بىر تەرەپ قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەرلەردە يەنە، بۇ تىزىملىكتە ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، مىكرو دولقۇنلۇق ۋەيران قىلىش سىستېمىسى، ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش سىستېمىسى، كېچىدە كۆرۈش ئۈسكۈنىسى، كۆزىتىش كامېراسى، دىگىتال رادىئو، مىنا تازىلاش سىستېمىسى ۋە رادار پونكىتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن قورال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بارلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بولسا، كرىزىس ۋە ئۇرۇش رايونلىرىغا ھېچقانداق ئەجەللىك قورالنىڭ ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىناغا قورال بېرىشنى رەت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر