سەدىر گۇرۇھى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتىدىن چېكىندى

ئىراق ئومۇمىي سايلىمىدا غەلبە قىلغان شىئە مەزھىپىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسەدىرگە قاراشلىق سەدىر ئىتتىپاقى، ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتىنى توڭلىتىش ۋە پارلامېنتتىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى.

1773911
سەدىر گۇرۇھى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتىدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەدىر ئىتتىپاقىنىڭ ئىراق پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى باشلىقى ھەسەن ئازارى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ: «بىز رەھبىرىمىز مۇقتەدا ئەسسەدىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بارلىق سىياسىي گۇرۇپپىلار بىلەن ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئازارى، گۇرۇپپىسىنىڭ 7- فېۋرال پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى يىغىنىنىمۇ بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىرانغا مۇساپە قالدۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن تونۇلغان شىئە رەھبەر سەدىر ئىتتىپاقى، 2021- يىلى 10-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا 239 كىشىلىك پارلامېنتقا 73 ۋەكىل ئەۋەتىپ، سايلامنىڭ بىرىنچىسى بولغانىدى.

سەدىر گۇرۇھى كۇردلار ۋە سۈننىيلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەشكىللەش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر