شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى تەھدىت ياراتماقتا

ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1770415
شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى تەھدىت ياراتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيە سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 2000 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە ياپون دېڭىزى تەرەپكە 30 مىنۇتتا 800 كىلومېتىر يول يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل شىمالىي كورېيەنىڭ جەمئىي 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان باش كاتىپ ماتسونو، «ئوتتۇرا مۇساپىلىك ياكى يىراق مۇساپىلىك» دەپ قارالغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش كاتىپ ماتسونو «بۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئىلگىرىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىزغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېدى ۋە سىناققا مۇناسىۋەتلىك پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق نوتالىرى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىيو رايوندىكى پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سىناققا مۇناسىۋەتلىك يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورىيە ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ جاگاڭ رايونىدىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07:52 دە ياپونىيە دېڭىزىغا قارىتىپ  قويۇپ بېرىلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھىندى-تېنچ ئوكيان ئارمىيەسى (INDOPACOM) بولسا، سىناققا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەپ، مۇقىملىقنى بۇزۇش خاراكتېرلىق پائالىيەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

باياناتتا، «<بۇ ۋەقە ئامېرىكا خادىملىرىغا، رايونغا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ> دەپ قارىساقمۇ، بىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سىناقنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر