جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا پۈتۈشتى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كورېيە ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرۇش خىتابنامىسى لايىھەسى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1755035
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ  ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چۇڭ ئەييۇ يوڭ،  كورېيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئوخشاش قاراشقا ئىگە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، كورېيە ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرۇش خىتابنامىسى لايىھەسى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بولسا، شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ  ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي كۈچلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا كونكرېت ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەمەلىي پوزىتسىيەنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، شىمالىي كورېيە بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىن، 13-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ، كورېيە ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رى تاي سوڭ بولسا، سېنتەبىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «دۈشمەنلىك سىياسىتى» نى ئاخىرلاشتۇرمىغان تەقدىردە، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر