فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

فىرانسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇلخۇس شەھىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

1746457
فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەر باشلىقى مىچېل لۇتز مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى، مۇلخۇس ساقچىلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى (CFCM) ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇناسىۋەتلىك ئائىلىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىچىدە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، دائىرىلەرنى بۇ ھەرىكەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى سەپەرۋەر قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلىكىنىڭ باياناتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنى تېپىشىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ياردەمچى بولغان بارلىق مەسئۇللارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «ھەر بىر جانلىقنىڭ ياشاش ھوقۇقى بولغانغا ئوخشاش، ئارىمىزدىن ئەبەدىيەتكە ئايرىلغانلارنىڭمۇ قەبرىستانلىقلىرى شۈبھىسىزكى، ھۆرمەتكە ھەقلىقتۇر. بۇزغۇنچىلىقنىڭ بۇ يەرلەرگە قەدەر كېڭىيىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئەمما بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ فىرانسىيەگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە كەلگۈسىگە دائىر ئۈمىد بېغىشلايدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر