ئىران ھازىرقى باسقۇچتا تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيىد خاتىبزادە ئافغانىستاندىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشۋاتقانلىقىنى ، ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

1695954
ئىران ھازىرقى باسقۇچتا تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەيىد خاتىبزادە ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئافغانىستاندا زوراۋانلىقتىن ساقلىنىشقا، مۇقىملىق ۋە تىنچلىققا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ھەمدە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئافغانىستاننىڭ نوپۇس ۋە مىللىي قۇرۇلمىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوچۇق- ئاشكارا، ھېساب بېرەلەيدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

سەيىد خاتىبزادە ئىراننىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تالىباننى ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىز ھازىر ئۇ باسقۇچتا ئەمەس، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ھۆكۈمىتىنى قارارلاشتۇرۇش تېخى بەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئالالايدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىزنىڭ ھازىرقى مۇھىم ئىشىمىزدۇر» دېدى.

سەيىد خاتىبزادە يەنە، ئىراننىڭ لىۋاننى بېنزىن بىلەن تەمىنلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلىگە دائىر سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ، ئەگەر لىۋان ئېھتىياجلىق بولسا، لىۋاننى قايتىدىن نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن، 15-ئاۋغۇست پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ دۆلەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى بىلەن شەھەرنى توقۇنۇشمايلا كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر