ئافغانىستاندا خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقتى

ئافغانىستاننىڭ زابۇل ۋىلايىتىدە تالىبان بىلەن خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقتى.

1583729
ئافغانىستاندا خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ زابۇل ۋىلايىتىدە تالىبان بىلەن خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشتا، تۆت ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

زابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ھىكمەتۇللاھ كوچى تالىبانلارنىڭ زابۇل مەركىزى پۇلى سانگى رايونىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ چىققان ئېتىشىشتا، تۆت ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئىككى ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رايوندا، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تالىبان ھازىرچە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر