پېسكوۋ: ئادالەتسىز كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى رىقابىتىدە، رۇسىيە ۋاكسىناسى «تەلۋىلەرچە» ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پېسكوۋ ئادالەتسىز كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى رىقابىتىدە، رۇسىيە ۋاكسىناسى نىڭ «تەلۋىلەرچە» ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1552734
پېسكوۋ: ئادالەتسىز كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى رىقابىتىدە، رۇسىيە ۋاكسىناسى «تەلۋىلەرچە» ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئادالەتسىز كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى رىقابىتىدە، رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ تولىمۇ «تەلۋىلەرچە» بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېسكوۋ «رۇسىيە 1» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشتا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ پۈتۈنلەي سىياسەتتىن سىرتىدا تۇتىلىشىنى كېرەكلىكىنى قوللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەپسۇسكى، بىز غايەت زور ئادالەتسىز رىقابەتنىڭ نامايەندىسىگە دۇچ كەلدۇق. <Sputnik V> ۋاكسىنىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەسلەپ باقايلى. پۈتۈنلەي تەلۋىلەرچە. ھېچقانداق ھەمكارلىق ئالامىتى يوق ئىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ <Sputnik V> ۋاكسىنىسى دۇنيادا ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىنىدىغان ۋاكسىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە ھۇجۇملارنىڭ ئۇنچە ئەھمىيىتى قالمىدى» دېدى.

پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بارلىق دۆلەتلەرنى باشتىن-ئاخىر ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشتە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پېسكوۋ پۇتىننىڭ بۇ چاقىرىقىنى يۇقۇم سەۋەبىدىن سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا قايتا تەكرارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پىرېزىدېنتىمىز شۇ چاغدىكى سۆزىدە ۋاكسىنىنى ئىشلەپچىقىرىشتا، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىناق قىلىشتا ھەمكارلىقنىڭ پۈتۈنلەي سىياسەتتىن ئۇزاق تۇتىلىشى،  ھۆكۈمەتنىڭ بېسىملىرى ۋە رىقابەت ئامىللىرىدىن خالىي ھالغا كەلتۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر