ناتو: قاراباغ مەسىلىسىدە تەرەپ ئەمەسمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتونىڭ تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشتا تەرەپ ئەمەسلىكىنى ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئارمېن ساركىسيانغا خاتىرىلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1513660
ناتو: قاراباغ مەسىلىسىدە تەرەپ ئەمەسمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئارمېن ساركىسيان بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۆرۈشۈشتە، تاغلىق قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتقا، ناتونىڭ بۇ توقۇنۇشنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى خاتىرىلەتتىم. ئەزەربەيجانمۇ، ئەرمېنىيەمۇ ئۇدا 25 يىلدىن بۇيان ناتونىڭ قىممەتلىك ھەمراھلىرىدۇر.»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىن ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىلىشى، دەرد – ئەلەملەرنىڭ تۈگىشى ۋە كىرىزىسنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەلىپىمىز شۇكى، تەرەپلەر سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، سۈركىلىشلەر دەرھال ئازايتىلىشى لازىم. دەرۋەقە، پۇقرالارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ھەممە كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر