دونالد ترامپ ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا ئىرانغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنىڭ ئۇزارتىلمىغانلىقىغا نارازىلىق سۈپىتىدە كېلەر ھەپتە ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1473716
دونالد ترامپ ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋەرى: ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئېلىش ئۈچۈن يېڭى جېرسىيغا يېتىپ بارغان دونالدا ترامپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، كۈن تەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ئىرانغا قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى ئۇزارتماسلىق» قارارىغا باھا بېرىپ، «بىز بۇنى مۆلچەرلىگەن ئىدۇق. بىز بۇنىڭغا نارازىلىق سۈپىتىدە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىمىز. كېلەر ھەپتە بۇلارنى كۆرىسىلەر» دېدى.

ترامپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ تېمىدىكى سىنلىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى ھازىرچە ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان قورال ئېمبارگوسىنى ئۇزارتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.

دونالد تىرامپ يەنە بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكانىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئىزدەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئېدۋارد سنوۋدېننى كەچۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىشىكنى ئوچۇق قويدى.

دونالد تىرامپ «سىنوۋدېننى كەچۈرۈم قىلامسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن «مەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى باشلايمەن، ھەم سولچىلار، ھەم ئوڭچىلار ھەر ئىككى قاناتتا سىنوۋدېن توغرۇلۇق بۆلۈنۈش بار» دېدى.

دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NSA) نىڭ سابىق خادىمى ئېدۋارد سنوۋدېن 2013 - يىلدىن بېرى رۇسىيەدە ۋاقىتلىق ئىقامەت بىلەن ياشاپ كەلمەكتە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر