ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى لوبىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى پاش بولدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ، لىۋىيەدىكى ۋەزىيەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈركىيەگە قارشى لوبىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى پاش بولدى.

1445936
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى لوبىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى پاش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ۋورلد قانىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسۇف ئەلئۇتەيبې ئىمزالىق، ئامېرىكانىڭ، لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيەگە مۇداخىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بىر پارچە ئېلخېتىنى قولغا چۈشۈردى.

ئۇتەيبېنىڭ ئېلخېتىنىڭ، ئىلگىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەلچىخانسىىدا ئىشلىگەن، نۆۋەتتە بىر لوبىچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ھاگېر ئېلاۋاد تەرىپىدىن 22 – ئىيۇندا ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئېلخەتتە، ئۇتەيبە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىنى لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە مۇداخىلە قىلىشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

خېتىدە، تۈركىيە قوللاۋاتقان كۈچلەرنىڭ سىرتەگە يېقىن يەرلەرگىچە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ۋە تۈرك دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ لىۋىيە دېڭىز ساھىللىرىغا ئەسكەر يۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇتەيبە، بىز، بۇنى مسىىرنىڭ مەسىلىگە مۇداخىلە قىلىشى ئۈچۈن مەقسەتلىك قىلىندى، دەپ ئانالىز قىلىۋاتىمىز، نۆۋەتتە مىسىر بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ، مىسىرنى لىۋىيە ساھەسىگە كىرمەسلىكى ئۈچۈن ئايلاردىن بۇيان تىزگىنلەپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇتەيبە خېتىدە، توم خەتلەر بىلەن «تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى پائالىيەتلىرى كونترول قىلىنمىغان تەقدىردە، ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ناچاردىن بەتەرگە قاراپ ئىلگىرلەيدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر