لىۋىيە خەلقى سىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

لىۋىيەلىكلەر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق مىسىردا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش تەھدىتىدە بولغانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1440643
لىۋىيە خەلقى سىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  نامايىشچىلار  تۈركىيە ۋە لىۋىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىقتى.

نامايىشچىلار لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇسنىڭ مەركىزىدىكى شەھىدلەر مەيدانىغا يىغىلىپ، لىۋىيە ۋە تۈركىيە بايرىقلىرىنى لەپىلدەتتى ئاندىن سىسىنىڭ ئۈستىگە «x» بەلگىسى قويۇلغان رەسىملىرىنى ئاچتى.

تىرابلۇس خەلقى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ئىسيانچى خەلىپە ھافتەرگە ۋە سىسىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى تۈنۈگۈن لىۋىيە چېگراسىغا يېقىن ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى زىيارەت قىلغاندا، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەت سىرتىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر