ھىندىستان - خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ، ھىندىستاننىڭ 20 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھىندىستاننىڭ 20 ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1437356
ھىندىستان - خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ، ھىندىستاننىڭ 20 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ANI خەۋەر ئاگېنتلىقى، لاداخنىڭ گالۋان ۋادىسىدىكى سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان ۋە خىتاي خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا «شىددەتلىك توقۇنۇش»نىڭ مەيدانغا كېلىپ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ھىندىستان ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى تايانچ قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، توقۇنۇشتا بىرى نەپىرى ئوفىتسېر بولۇپ جەمئىي 20 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان. بۇ يېقىنقى 45 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇش ئىكەن.

ANI خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي تەرەپتىن 43 تىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھىندىستاننىڭ خىتاي چېگراسىغا جايلاشقان لاداخ رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى مەنبەلىك سۈركىلىش 2017 – يىلى ئۇلغىيىشقا باشلىغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 3500 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ كۆپ قىسىمى ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرىغا سەۋەب بولماقتا.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يېڭى دېھلى (دېلھى) دائىرىلىرى، ئاقساي چىن ئېگىزلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەرەپلەر، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىنى ھەل قىلالمىدى؛ ئەكسىچە، بۇ مەسىلە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ – يېڭى دېھلى لىنىيەسىدىكى سۈركىلىشنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر