ئەنگلىيەدە ئامېرىكانىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئەنگلىيەدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە تەۋە «F-15C» تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى مەشىق جەريانىدا چۈشۈپ كەتتى.
1436433
![ئەنگلىيەدە ئامېرىكانىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/56dc/85b7/ff26/5ee7554ead4a7.jpg?time=1718632805)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاكېنھات بازىسىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، «F-15C» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە شىمالىي دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، لاكېنخات بازىسىدىن يولغا چىققان ئايروپىلاننىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتتە دائىمقىدەك مەشىق ئۈستىدە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا ئۇچقۇچىنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا ھادىسىنىڭ سەۋەبىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەنگىلىيەنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4e50/93ba/5e27/667030dc08f39.jpg?time=1718632806)
پۇتىن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 6-ئاينىڭ 18 - ۋە 19 – كۈنلىرى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.