ترامپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى دائىرىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشگەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى دائىرىلىرىغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قارارنامەنى ئىمزالىدى.

1434930
ترامپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى دائىرىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنى ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىقىمىزنى قوغداشقا قارىتا ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى دائىرىسىدە، ئامېرىكانىڭ رازىلىقى بولماستىن، ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سوتلاشقا بىۋاسىتە قاتناشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى دائىرىلىرىغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىدى. بۇ قارارنامە ئارقىلىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى دائىرىلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قويۇلغان ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىمۇ ئۇزارتىلىدۇ. ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ <رىم ئەندىنامىسى> نى قوبۇل قىلمىغان ۋە بۇ سوتنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى سوتلاشقا دائىر باياناتلىرىنى رەت قىلغان دۆلەتتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ھەربىي خادىملىرىمىزنى تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش پائالىيەتلىرى ئامېرىكا خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇمدۇر، شۇنداقلا، ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.»

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى باش تەپتىشى فاتو بېنسودا، 2017 – يىلى نويابىردا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) ۋە ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش جىنايىتى، تالىباننىڭمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر دەۋلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇرۇش جىنايىتىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا ئافغانىستاندا سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەكشۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر