ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان 4 ساقچىنى ئۆلتۈردى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ۋىلايىتىدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1414289
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان 4 ساقچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى بەلخ ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئادىلشاھ ئادىل تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بەلخنىڭ بابا يۈسۈپ رايونىدىكى ساقچىخانىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادىل ھۇجۇمدا 4 ساقچىنىڭ ئۆلتۈرلگەنلىكىنى، 7 ساقچىنىڭ گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادىل ھۇجۇم نەتىجىسىدە ساقچىخانىنىڭ قىسقا ۋاقىت تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىنى، ياردەمچى قىسىملارنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ساقچىخانىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدىن كېيىنكى توقۇنۇشتا تالىباننىڭ چوڭ يوقۇتۇشقا دۇچار قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تالىبان بۇ ھەقتە  تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر