ئىراق كوچىغا چىقىش بەلگىلىمىلىرىنى يەڭگىللەتتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 165 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 407 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 625 مىڭدىن ئاشتى.

1401539
ئىراق كوچىغا چىقىش بەلگىلىمىلىرىنى يەڭگىللەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 52 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان جەنۇبىي ئافرىقادا، كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن جوھاننېسبۇرگدا كۈندىلىك ھايات توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كەلدى. ئادەم قالمىغان كوچىلاردا ئاچ قالغان ئۆيسىزلەر، ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىنى توسۇپ ۋە بىنالارنىڭ زىللىرىنى بېسىپ يېمەكلىك تەلەپ قېلىشقا باشلىدى.

ئىراقتا 82 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىڭ 539 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىراق ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 17-مارتتىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سودا-سېتىق ۋە خىزمەت ساھەلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ يەڭگىللىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋاقىتلاردا، سەھىيە قائىدەلىرىگە بويسۇنغان ھالدا خىزمەت جايلىرى ۋە فابرىكىلارنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى. رامىزان ئېيىدا يولغا قويۇلماقچى بولغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىلىرى يەڭگىللىتىلدى.

ئىراقتا شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دىن ئەتىگەن سائەت 06:00 گىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر