شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 107 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليون 760 مىڭدىن ئېشىپ، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 400 مىڭغا يەتتى.

1396288
شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە  3 كىشى ۋۇرۇستىن قازا قىلىپ، 99 كىشى يۇقۇملاندى. قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا چېگرا ئېغىزلىرى قىبرىسلىق ۋە  قىبرىسلىقلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقانلىرىدىن باشقىلارنىڭ كىرىشىگە پۈتۈنلەي تاقىلىشى قارار قىلىندى.

جەنۇبىي قىبرىس رىم ھاكىمىيىتى كوۋىد 19 دىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، 10 غا چىقاردى. يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 616 گە چىققانلىقى ئېلان قىلىندى.

مالايشىيادا 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 184 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. دۆلەت مىقياسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 4 مىڭ 530 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھىندونېزىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارسانىنىڭ 21 دىن 327 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 3800 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 ياپونىيەدە كوۋىد -19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 7 ئۆلكىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. قازا قىلغانلارنىڭ سانى 141 گە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 7556 گە يەتتى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان فىلىپپىندا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 247 گە، يۇقۇملانغانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىڭ 428 گە يەتتى.

تايلاندتا كۈندىلىك يۇقۇملىنىش سانى ئازايدى. تۈنۈگۈن 45 يېڭى يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ،  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىڭ  518 گە يەتتى. كوۋىد -19 بېمارلىرىنى داۋالاشتا  تايلاند رايوندىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك كېتىپ بارماقتا. تۈنۈگۈن يەنە 122 كىشى ئەسلىگە كەلدى.  ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1135 كە يەتتى.

ئالجىرىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى  275 كە، مىسىردا  146 گە. ئىراقتا 72 گە، تۇنىستا 28 گە يەتتى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر