رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئالەم بوشلۇقىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قارارنامىسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى سۇ ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامىغا ئىمزا قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1393186
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئالەم بوشلۇقىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قارارنامىسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى (كرېمىل سارىيى) باياناتچىسى ىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ ترامپنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىش قارارنامىسى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

پېسكوۋ قانۇنىي جەھەتتىن بۇ قارارنامىنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئالەم بوشلۇقنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇلۇشىغا يۈزلىنىدىغان ھېچقانداق ئۇرۇنۇشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاي ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا تېپىلغان سۇ ۋە بايلىقلاردىن خۇسۇسىي ئالەم بوشلۇقى تەشەببۇسى ۋە تەتقىقاتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامىغا  ئىمزا قويغان ئىدى.

بۇ قارارنامە ئارقىلىق خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشىغا يول ئېچىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر