تىۋىتتېر ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېنىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېر ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېنىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى.

1388465
تىۋىتتېر ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېنىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېنىڭ تىۋىتتېردىكى بىر قانچە تىللىق ھىسابىغا كىرىشنى خالىغان ئەگەشكۈچىلەر، «بۇ ھېسابات توڭلىتىلدى. تىۋىتتېر، تىۋىتتېرنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھېسابلارنى توڭلىتىپ قويىدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىدى.

ھامانېنىڭ پارىسچە ۋە ئىنگلىزچە ھېساباتلىرى ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرەبچە، ئوردۇچە ۋە فىرانسۇزچە ھېساپلىرى يەنىلا توڭلىتىلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

بۇ ھەقتە تىۋىتتېر ياكى ھامانېنىڭ ئىشخانىسىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئامېرىكا مەركەزلىك ئىجتىمائىي ئالاقە تودرى تىۋىتتېر، ئىلگىرىمۇ ئىران رەھبىرىنىڭ ھېسابىنى بىر نەچچە قېتىم توڭلىتىپ قويغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر