پۇتىن ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1388458
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، پۇتىن بىلەن ترامپ، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ تارقىلىش دائىرىسى تۈپەيلى جىددىي ئەندىشىلىك ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلەشتى، ھەمدە بۇ تەھدىتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تەدبىرلەر مەسىلىسىدە بىر - بىرىگە مەلۇمات بەردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېلېفون سۆھبىتىدە، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە رۇسىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم بۇ ھەقتە داۋاملىق كېڭىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»