خىتاي ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

بېيجىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تاجىسىمان ۋىرۇس» نى «خىتاي ۋىرۇسى» دېيىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1379846
خىتاي ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دونالد ترامپنىڭ  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار تاجىسىمان ۋىرۇسنى خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار دەپ،  دۆلىتىمىزگە تۆھمەت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قارشىمىز ، ئامېرىكانى خىتاينى ئەيىبلەشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتۇر. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى ئاساسىدا خەلقئارانىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.»

ترامپ تۈنۈگۈن كەچتە Twitter سەھپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەنىدى: «ئامېرىكا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق كەسىپلەر ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە باشقا ئورۇنلارغا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك قۇدرەت تاپىمىز».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر