ئىدلىبتا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە ياردەمچىسى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىب شەھەر مەركىزى ۋە يېزا - قىشلاقلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 4 ى بالا 12 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.

1371061
ئىدلىبتا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى مۇداپىئە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېرروتېرىيەسىگە جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ فۇئا رايونىنى كۈن بويى بومباردىمان قىلغان. بومباردىمانلاردا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 9 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا پۇقرا يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر