مېركېل: سۇداننىڭ شېرىكى بولۇشنى خالايمىز

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سۇداننىڭ شېرىكى بولۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1360075
مېركېل: سۇداننىڭ شېرىكى بولۇشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل پايتەخت بېرلىندا سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھەمدۇك بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلىتىنىڭ سۇداننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، سۇداننىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن سۇداندا دېموكراتىيەتلىشىش ۋە تىنچلىق يولىنىڭ ئېچىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۇدان خەلقى سۇداننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلگاھىغا يېتىپ بېرىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە. شۇ ۋەجىدىن، بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە سۇدانغا ياردەم بېرىشنى ھەم بۇ ھەقتە سۇنداغا شېرىك بولۇشنى خالايمىز.»

ھەمدۇك سۇداندىكى كەڭ دائىرىلىك ئۆزگىرىشنىڭ پۈتكۈل دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدىكى شېرىكلىرىمىز ھەم دوستلىرىمىزنىڭ بىزنى قوللايدىغانلىقى ۋە بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەلۋەتتە خەلقىمىزنى ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. دەرۋەقە، بۇ باسقۇچ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر