ئافغانىستان ۋۇخەندىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ

ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرى فىرۇزۇددىن فىرۇز ۋۇخەن شەھىرىدە ياشايدىغان ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1353317
ئافغانىستان ۋۇخەندىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرى فىرۇزۇددىن فىرۇز كابۇلدا ئاخبارات ئېلان قىىلش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋۇخەن شەھىرىدە ئوقۇيدىغان 41 ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچى ۋە بىر قانچە ئافغانىستان پۇقراسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنتنىڭ يوليورۇقى بويىچە مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ كابۇلغا كەلگەندىن كېيىن، 14 كۈن بويىچە كابۇل ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا تەييارلانغان ئالاھىدە يەردە كۆزىتىش ئاستىدا تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھازىرغىچە ۋۇخەندە تۇرۇۋاتقان ئافغانىستانلىقلارنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكلىرىنى، 300 كارۋاتلىق بىر دوختۇرخانانى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۈچۈن تەييارلىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر