ئەنگلىيە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى

ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئاندرېۋ مۇررىسون سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىىڭ تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت قىلىنغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1352933
ئەنگلىيە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇررىسون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: « بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى سۈرىيەلىك پۇقرالار ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرى شېھىت قىلىنغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. سۈرىيە ۋە قوللىغۇچىسى رۇسىيەنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا ۋە سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىمەن.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىدلىبقا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە زاپاس قىسىملىرىىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 8 ئەسكەرنىڭ شدېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر