خىتاي كونسۇلى ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلدى
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى سۈي ۋېي ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 362 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
1352462
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى سۈي ۋېي ئىستانبۇلدا بىر مېھمانسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ: «ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 362 ەە چىقتى. 17 مىڭ 335 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى. دوختۇرخانىدىن داۋالىنىپ چىققانلارنىڭ سانى 21 مىڭ 558» دېدى.