رۇھانى: ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىسىملىرى بىخەتەر ئەمەس

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، رايون (ئوتتۇرا شەرق) دىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەر ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

1341279
رۇھانى: ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىسىملىرى بىخەتەر ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «بىز رايوندا ئامانلىق مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز. بۇ رايوندىن ئۇرۇش قىلماستىن ئاقىلانىلىك بىلەن كېتىڭلار. بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرى بىخەتەر ئەھۋالدا ئەمەس. ئەتە ياۋروپا ئەسكەرلىرىمۇ بىخەتەر ئەھۋالدا بولماسلىقى مۇمكىن. كېلىڭلار، يادرو كېلىشىمىگە قايتايلى» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

بۇ جەرياندا رۇھانى، ئىران ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە ئالاقىدار ھەقىقەتلەرنى جامائەتچىلىك بىلەن سەمىمىي شەكىلدە ئورتاقلىشىشقا چاقىرىپ، «خەلق ئەمەلدارلاردىن سەمىمىي ۋە سادىقلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتىدۇ. مەن، باش ئىشتاب باشلىقى ۋە ھەربىي قىسىملاردىن ئۈتۈنىمەن. باشتىن – ئاخىرىغىچە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىڭلار. خەلقتىن كەچۈرۈم سورايلى» دېگەن.

ئۇ، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىنىڭ دۆلەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى ئەندىكتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «مەن ئىران – ئىراق ئۇرۇشىدا 7 يىل بويىچە مۇداپىئە سىستېمىسىغا مەسئۇل كىشى ئىدىم. نە ئۇرۇش، نە ئىران تارىخىدا مۇنداق بىر ۋەقە كۆرۈلمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر