ئىران ئۇكرائىنادىن كەچۈرۈم سورىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىغا تېلېفون قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى.

1339190
ئىران ئۇكرائىنادىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇھانىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانىنى خاتا ھالدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «رۇھانى ئۇكرائىنا خەلقىگە ۋە قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. 176 كىشى قازا قىلغان تىراگېدىيە سەۋەبلىك ئۇكرائىنادىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈملىدىن، رۇھانى بۇ تىراگېدىيەنىڭ دۆلىتىنىڭ خاتا ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلدى.»

ئىران دائىرىلىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىدە جاۋابكارلىقى بار  كىشىلەردىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «زېلېنىسكى قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا ئائىت جەسەتلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.»

باياناتتا، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىرانغا، قازاغا مۇناسىۋەتلىك تۆلەش شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  نوتا تاپشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر