ئىراقتا ھەشدۇششەئبى قوماندانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدا ھەشدۇششەئبى قوماندانلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىللار كارۋىنىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1334530
ئىراقتا ھەشدۇششەئبى قوماندانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدا ھەشدۇششەئبى قوماندانلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىللار كارۋىنىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى؛ ۋەقەدە، ئاپتوموبىللاردىكى 6 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىراقنىڭ سۇمەرىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىرى خەۋپسىزلىك مەنبەسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىدىكى تاجى رايونىدا ئاپتوموبىل كارۋىنى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

بەزى مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىللاردا ھەشدۇششەئبى بايرىقى ئاستىدىكى كەتائىب ئىمام ئەلى قىسىملىرىغا قاراشلىق قوماندانلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئىراق خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىنانىڭ  خەۋەر قىلىشىچە، ھەشدۇششەئبى ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بەزى سۇنئىي ھەمراھ قاناللىرى ۋە مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،، بۈگۈن سەھەردە تاج تەنتەربىيە مەيدانىغا يېقىن يەردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىللاردا ھەشدۇششەئبى قوماندانلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.

«باغدادتىكى بۇ ھۇجۇم لىدېرلارنى ئەمەس، سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى نىشانغا ئالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر