تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىنىڭ داركاد ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەردى.

1333031
تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىنىڭ داركاد ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 7 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

تاخار جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى خەلىل ئەسىر بايانات بېرىپ، تالىبان ئەزالىرىنىڭ داركادنىڭ قاراتەپە رايونىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا 7 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، توقۇنۇش ئەسناسىدا 11 تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 6 نەپەر تالىباننىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، توقۇنۇشتا 16 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر