ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇملىرى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە
ئافغانىستاننىڭ شىمالدىكى بەلخ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەلخ ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىقلىرى بىر ھەربىي ساقچى پونكىتىغا ئاپتومبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 6 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1329817
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇمدا يەنە، 3 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تالىبان بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىككى كۈن ئىلگىرىمۇ تالىبان قوراللىقلىرى بەلخ ۋىلايىتىگە قاراشلىق دەۋلەتئاباد ناھىيەسىدە بىر ھەربىي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 7 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.