خوڭكوڭ روژدېستۋا بايرىمى كىچىسىدىكى نامايىشلار بىلەن قايتىدىن مالىمان بولدى

ئىيۇن ئېيىدىن بېرى، تەخمىنەن 6 ئايدىن كۆپرەك ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان نامايىشلارنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، روژدېستۋا بايرىمى كىچىسىدىكى نامايىشلار بىلەن قايتىدىن مالىمان بولدى.

1329255
خوڭكوڭ روژدېستۋا بايرىمى كىچىسىدىكى نامايىشلار بىلەن قايتىدىن مالىمان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي خىتاي ئەتىگەن پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار خوڭكوڭ مىقياسىدىكى بارلىق سودا سارايلاردا توپلىشىپ شوئارلارنى توۋلىغان. 

ساقچىلار سودا سارايلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان تىسىم شا سۇ ۋە موڭكوك رايونلىرىدا نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتكەن.

ماسكا تاقىۋالغان بەزى نامايىشچىلار قاتناش چىراقلىرىنى چېقىپ، يوللارنى توسۇۋالغان، يەنە بىر گۇرۇپپا نامايشىچى بولسا، بىر بانكا شۆبىسىنىڭ دەرىزىلىرىنى چېقىپ، كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇپ بەرگەن.

ساقچىلارنىڭ تىسىم شا سۇ رايونىدا، ناتھان ۋە سالىسبۇرىي كۆچىلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدىكى پېنېسۇلا مېھانسارىيىدا توپلىشىۋالغان مىڭلارچە كىشىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مېترو شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تىسىم شا سۇ ۋە موڭ كوك رايونلىرىدىكى مېترو ئىستانسىسلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى، پويىزلارنىڭ بۇ بېكەتلەردە توختىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررېي لام ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان 1 سېكۇنتلۇق ۋىدېئوسىدا، روژدېستۋا بايرىمىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا تولغان بىر كۈن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭلۇقلارغا تىنچلىق ئىچىدە، شاتلىققا چۆمگەن بىر روژدېستۋا بايرىمى تېلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر