ترامپ بورىس جونسوننى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان باش ۋەزىر بورىس جونسوننى تەبرىكلىدى.

1322709
ترامپ بورىس جونسوننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننى تەبرىكلىدى. ئۇ: «بۈيۈك غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بورىس جونسوننى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېڭى سودا كېلىشىمى ئىمزالاشتا ئەركىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ كېلىشىمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈش مۇمكىن بولغان ھەر قانداق كېلىشىمدىن چوڭ ۋە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشتەك يوشۇرۇن كۈچى بار» دېدى.

ئەنگلىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بورىس جونسون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاشتى.

بورىس جونسون باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە كۈچلۈك ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بورىس جونسون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارلامېنتتا 368 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچى بولغان. بۇ نەتىجە، كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە پارلامېنتتىكى 326 ئورۇندىن ئىبارەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، قايتىدىن ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر